خىتاي ھۆكۈمىتى: مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلار نەگە يوقاپ كەتتى؟

 

مەشئەل ئۇيغۇر گورۇپپىسى

 

'قەدىرلىك تاغا، يېقىندىن بۇيان روھىي ھالىتىم تولىمۇ ناچار، كۈنلىرىم ئىنتايىن تەس بولىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى ئاتا ـ ئانام بىلەن ئالاقە قىلمىغىلى ئىككى ئاي بوپتۇ، بۇرۇن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا مېنىڭ چەتئەلدە بولغانلىقىم تۈپەيلى بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ماڭا قاراڭغۇ. ھەر قېتىم ئۇلارغا تېلېفۇن ئۇرۇپ ئالالمايمەن، تېلېفۇنلار تاقاق ھالەتتىلا تۇرىدۇ. يېقىندا بىر دوستۇم ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچىگە قايتقان بولۇپ، مەن ئۇنىڭدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىمىزنى يوقلاپ كېلىشنى ئۆتۈندۈم، ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇ ئۆيىمىزگە بېرىپتۇ، ئەمما ئۆيدە ھېچكىم يوق بولۇپ، ئىشىك قىزىل پىلاستىر بىلەن پىچەتلىنىپتۇدەك. بۇلارنى ئاڭلاپ ئۈچ كۈن ئۇخلىيالمىدىم. تاماق يېيىشمۇ ئۇياقتا تۇرسۇن، گېلىمدىن بىر يۇتۇم سۇمۇ ئۆتمىدى. مەن پەقەت توختىماي يىغلىدىم، كېچىلىرى ئۇخلاپ قالغىنىمدا بولسا قورقۇنچلۇق چۈشلەر بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم. ۋوتسەپتەك تورلاردا خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ تۈرمە ۋە يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قىينىغان خەۋەرلىرىنى كۆرسەم ۋۇجۇدۇم ماغدۇرسىزلىنىپ، ئورنۇمدىن تۇرالمايلا قالىمەن. مەن ئاتامنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم، شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن تولا ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن. مەن خىتايلارنىڭ ئۇنى تۈرمە ياكى لاگىرلاردا ئۆلتۈرىۋىتىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرىدىم. ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئاپام بىلەن ئۇچۇر يوللاپ كۆرۈشكىنىمدە، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۇچۇرى 'سۆيۈملۈك بالام، ئۇ يەردە ياخشى ھايات كەچۈرۈڭ، بىزنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىڭ!' دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. مەن بۇ ئۇچۇرنىڭ ئاپام ماڭا ئېيتقان ئاخىرقى سۆزلەر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ دۇنياغا نېمە بولدى؟ مېنىڭ ئاتا ـ ئانام تېخى ياش ۋە بەلكى ھايات تۇرۇپ بىزنىڭ ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ كەتتى، يۈز كۆرۈشۈش ئۇياقتا تۇرسۇن تېلېفۇن، تورلاردا ئالاقىلىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم، مەن ھازىر شۇنچىلىك قورقۇۋاتىمەن، دادامدىن شۇنچىلىك ئەنسىرەپ تۇرىۋاتىمەن، ئاپام ۋە ئىنىملارنىڭ خەۋىرىنى ئالالماسلىقمۇ مېنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلۈك ـ تىرىكلىكى ماڭا نامەلۇم، قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن'.

 

يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۆزلەر گورۇپپىمىزنىڭ بىر ئەزاسىغا يوللانغان ئۇچۇرلار بولۇپ، بۇنى يوللىغۇچى چەتئەلدە ياشاۋاتقان 20نەچچە ياشلىق بىر قىز ئىكەن. بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئاڭلاپ تۇرىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەرنىڭ پەقەت بىر قىسمى بولۇپ، بۇنداق قان ـ ياشلىق خەۋەرلەر چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىزگە ھەركۈنى يېتىپ كېلىپ تۇرىدۇ.  ھەر خىل مەنبەلەردىن ئېگەللىشىمىزگە قارىغاندا، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ 15 بىلەن 35 ياشنىڭ ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ئەركەكلىرى شەرقىي تۈركىستان كوچىلىرىدىن يۈتۈپ كېتىۋىتىپتۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزاـ بازار، شەھەر ـ قىشلاقلىرىدا ئىگىسىز قۇرۇقدىلىپ قالغان ئۆيلەرنى تۈركۈم ـ تۈركۈملەپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. بۇنداق ئۆيلۈك كىشىلەرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانداق يوقاپ كەتكىنى، ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلىدىغانلارمۇ يوق ئىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى مىليون ئۇيغۇر قامالغان ناتسىسسىمان ئەمگەك لاگىرىدا ياكى تۈرمىلەردە دېسەك، قالغانلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى بىزگە قاراڭغۇ. مىڭلىغان ئانىلار بالىلىرىنىڭ، ئاياللار ئەرلىرىنىڭ، ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ يوقاپ كەتكەن جايلاردىن قايتىپ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئەپسۇسكى، ھېچكىم لاگىرلار ياكى تۈرمىلەردىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدى.

 

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇپ ئەپكەتكەن بولۇپ، ئۇلار قايتىپ كەتمىسە ئاتا ـ ئانىلىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ جازالىنىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىش ئارقىلىق بۇ رەزىل پىلاننى ئىشقا ئاشۇرغان. بەختكە قارشى قايتىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئايدۇرۇمغا يېتىپ كېلىشى بىلەنلا تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، شۇندىن كىيىن ئۇلاردىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان. بۇ تۈرلۈك يوقاپ كېتىشلەر تۆۋەندىكى خەۋەردە ئېلان قىلىنغان :' خىتايدىكى ئۇيغۇرلار سىفىر تېخنىسىكىدىن ئىشكەللەنگەن ۋە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار 'تەربىيلەش مەركەزلىرى' گە قامالغان'.  (https://www.independent.co.uk/news/world/asia/thousands-china-xinjiang-uighur-beijing-disappear-fears-authorities-thought-police-personal-safety-a8115421.html ).  

 5ـ ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كىيىن خىتايدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار 2009ـيىلىدىكى شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا كامىدا 3000 ئۇيغۇرنىڭ ۋاپات بولغانلىقى، 5000-7000 غىچە ئۇيغۇرنىڭ ئىز ـ دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقىغا شاھىد بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇيغۇر رەھبەر رابىيە قادىر خەلقئارالىق مېدىيالارغا ئۇ قىرغىنچىلىقتا بىر كېچىدىلا 10000 ئۇيغۇرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.  (https://www.reuters.com/article/us-china-xinjiang/uighur-leader-says-10000-went-missing-in-one-night-idUSTRE56S1O020090729?sp=true ).  

 

ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتى 5ـ ئىيۇل تىنچ نامايىشىدىن كىيىن يۈز بەرگەن ئىشلارنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار ئاز كامىدا 43 ئۇيغۇر ئەر ۋە بالىغلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى خاتىرىلىگەن.

(https://www.hrw.org/report/2009/10/20/we-are-afraid-even-look-them/enforced-disappearances-wake-xinjiangs-protests ).  

 

ئۇ دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە 'ئۇچۇر يىغىش دائىرىمىزنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى ئەمەلىيەتتە يوقاپ كەتكەنلەر بىز مەلۇم قىلغان ساندىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەندى، نۇرغۇن ئائىلىلەر ئۆزىنىڭ جازاغا تارتىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى'، دەپ يازىدۇ.

 

مۆلچىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرى يوقىتىۋەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەقىقەتەنمۇ 10000 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 5ـ ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا 197 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى ۋە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يالغان خەۋەر بېرىدۇ. بۇ 1989ـ يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تىيەنئەنمىن ۋەقەسىگە ئوخشاش خاراكتىرلىك ۋەقە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ يىلى 4 ـ ئىيۇندا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار تىنچ نامايىشىدا پەقەت ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىدىكى ئەسكەرلەر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىشقان، بىراق خەلقئارالىق قىزىل كىرست جەمئىيىتى ئۇ ۋەقەدە 2500 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانلىقى ۋە نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايىپ قىلىۋىتىلگىنى ھەققىدە خەۋەر بېرىدۇ.

 

بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋىلىش قىيىن ئەمەس: خىتاي ھۆكۈمىتى ئوپئوچۇق ۋە يۈزى قىلچىلىك قىزىرىپمۇ قويماي پۈتۈن دۇنياغا يالغان سۆزلەيدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ غالجىرلىق ۋە نومۇسسىزلىق بىلەن يالغان ئېيتىدۇكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ۋ ھەقىقىي ئەھۋالى خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا جاكارلىغان ئەھۋاللاردىن كۆپ پەرقلىق، بىز بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى داڭلىق باي گوۋىنگۈي ئېلان قىلغان قىسمەن دوكلاتلىرىدا ئۇچرىتالايمىز.

 

گوۋىنگۈي خىتايدىكى داڭلىق بايلارنىڭ بىرى بولۇپ، كىيىنچە سىياسىي ئاكتىپقا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە 2017ـ يىلى 23- يانۋاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىكىنى دۇنياغا پاش قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ دوكلاتلىرى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مېدىيالار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا مىڭ جىڭ، ئامېرىكا ئاۋازى، ئەنگىلىيە تېلىۋىزىيەسى، فوربىس، ئىقتىساد ۋاقتى ۋە نىيۇيورك ۋاقتى قاتارلىقلار مىسال بولالايدۇ. تۆۋەندە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا نەزەر سالايلى:

 

'مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جىيەن ئەپەندى بىلەن ئۇزۇن يىللىق ياخشى دوستلاردىن ئىدىم.  ئۇ ماڭا 'شىنجاڭ' ھەققىدە نۇرغۇنلىغان مەخپى ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە 'شىنجاڭ' دا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خىتاي ئاھالىلىرى ۋە خەلقئارا بىلگەن خەۋەرلەردىن نەچچە ھەسسە قورقۇنچلۇق ئىدى.

 

ئۆزىنىڭ يېڭى مەنسەپكە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىمەكچى بولغان ئەمەلدار مىڭ جىيەنجۇ دۆلەتلىك ئامانلىق ساقلاش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ سايلانغاندىن كىيىن مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چىقارغان ۋە بۇنى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى دەپ پەدەزلىگەن. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى تىرىك كۆمگەن.

 

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، بۇلارنى تەسۋىرلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئۆلۈملەرنىڭ سەۋەبلىرى ھېچقاچان ئاشكارە قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار ناھايىتى مەخپى ساقلانغان، گەرچە كىشىلەر توپ توپى بىلەن تىرىك كۆمۈۋىتىلگەن بولسىمۇ. 'شىنجاڭ' بەئەينى دوزاخنىڭ ئۆزى، ھەر مىنۇت، ھەر سىكۇنت لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرىدىغان دوزاخنىڭ نەق ئۆزى. بۇ كىشىنى قورقۇنچقا سالىدىغان تىراگىدىيە.

 

مىڭ جىيەنجۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى نېمىشقا شۇنداق ساغلام؟ ئۇلار ئالماشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ساغلام ئورگانلارنى نەدىن تاپقان؟ ئۇلارغا سېلىنىپ تۇرىۋاتقان يېڭى قانلارچۇ؟ ئۇلار نەدىن كەلگەن؟ ئۇلارنىڭ بۆرەك، جېگەرلىرى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ مىڭ جىيەنجۇ 21 ياشلىق بىر ئۇيغۇر يىگىتنى بېيجىڭدا ئۆلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ بېيجىڭغا بىر نەچچە كۈنلۈك ساياھەتكە كەلگىنىدە،مىڭ جىيەنجۇ ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى دەپ قارا چاپلىغان ۋە بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەگەر ئۇ راستىنلا باسقۇنچىلىق قىلغان بولسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ جىنايەت ئوبىكتىنى دۇنياغا كۆرسەت مىڭ جىيەنجۇ! ئەمەلىيەتتە بولسا، مىڭ جىيەنجۇ ئۇ ياشنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرگەن. نېمىشقا بېيجىڭدا كۆپلەپ ئۇيغۇرلار يوقاپ كېتىدۇ؟ بۇلارغا نېمە سەۋەبچى بولغان؟ ئۇلارنىڭ بۆرەك ۋە جېگەرلىرى نەگە كېتىۋاتىدۇ ؟ ئۇلارنى كىم ئۆلتۈرىۋاتىدۇ؟

 

مىڭ جىيەنجۇنىڭ  'شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى' بىلەن شەخسى ئاداۋىتى بار بولۇپ، ئۇ مۇشۇ سەۋەبلىك 5000 كىشىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ۋە ئۇلارنى تىرىك كۆمۈۋىتىلسۇن دەپ بۇيرۇق قىلغان. ئاندىن ئۇ بۇ جىنايەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا دۆڭگەپ قويغان.

 

بىز مەشئەل ئۇيغۇر گورۇپپىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە بارلىق خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا بېسىم ئىشلىتىشىنى سورايمىز:  خىتاي ھۆكۈمىتى گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى غايىپ قىلىشنى توختاتسۇن! پۈتۈن دۇنيانى يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلسۇن!

 

بىز ئۇيغۇر مىللىتى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەڭسىز زۇلۇم ۋە خورلۇققا ئۇچراپ ياردەمچىسىز ۋە كۈچسىز قالدۇق. بىز بۇ ئادالەتسىزلىكلەرگە يالغۇز تاقابىل تۇرۇپ بولالمايمىز . بىزگە پۈتۈن دۇنيانىڭ ياردىمى كىرەك. ئەگەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئىنسانلار بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىدۇ.

 

 بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويىشىڭىزنى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى ئىنسانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋازى بولۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز. رەھمەت!