Uyghur (ئۇيغۇرچە)

!مۇراجىئەتنامە: «يىغىۋېلىش لاگېرى» دىكى بىر مىليون ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلس

 مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

 نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ئورگان ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمىسىگە قامالغانلىقى ياكى دىكتاتورا شەكلىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرى» مەركەزلىرىگە سولىنىپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىشتى.

يېقىنقى مەزگىلدە شەرقى تۈركىستانغا بېرىپ كەلگەن ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىلىرىگە سولانغانلىقى ۋە بۇ تۈرمىلەرنىڭ ناتسىست گېرمانىيەنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغان يىللاردىكى ئەمگەك لاگېرى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى، ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا قاماقتىكى كىشىلەرنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشىدىكەن.

خىتاي نوپۇس تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ 2010-يىللىق ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا

(https://en.wikipedia.org/wiki/Xinjiang

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 10,000,370 بولۇپ، قامالغانلار يۇقىرىدىكى خىتاي

ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 10 %پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ.

بىز يەنە يېقىندا ئۇرۇق -تۇغقانلىرى تۇتۇلۇپ كەتكەنلەردىن شۇنى بىلدۇقكى، قاماقتىكى ئۇيغۇرلار كىشىنى چۆچۈتىدىغان ساندا ئۆلۈپ كېتىۋېتىپتۇ. بىر قىسىم كىشىلەرگە ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭ جەسىتى تاشلاپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدۇق.

بۇ لاگېرلارنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىكەن، لاگېرلارغا قامالغان ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىدىن كىشىلەر قىستاڭچىلىقنىڭ دەردىدە قىينىلىپ تۈز يېتىشقا ئورۇن تاپالمىغانلىقتىن قىستىلىشىپ يېنىچە يېتىشقا مەجبۇر بولۇۋېتىپتۇ. بۇلار پەقەت لاگېرلاردىكى ناچار شارائىتنىڭ قىسمەن مىسالى بولۇپ، ئۇ جايغا سولانغانلارنى قەستەن قىيناشلار ۋە ئەڭ ئەقەللىي بولغان تۇرمۇش ھەق -ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشلارنى تىلغا ئالمىدۇق.

ئەسىرلەر مابەينىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىي جۇغراپىيەسىدە ھەل قىلغۇچ ئورۇن تۇتۇش بىلەن دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا كۆپلىگەن ئېسىل تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن. بىز بۇ مەنىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىنلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى ۋە خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، مۇھىت ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن داۋاملىق ئاكتىپ يوسۇندا تەسىر كۆرسىتىپ تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر خەلقى دۇنيادىكى ھەرقانداق ئەل خەلقتىن پەرقسىز ھالدا ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قىممىتى بىلەن ياشاشقا پۈتۈنلەي ھوقۇقلۇق. دەل بۇ سەۋەبتىن، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ھەرقانداق زۇلۇم ۋە ئېزىشلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بىلەن مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشتىن چەكلىدى، ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان تارىخى ۋە ئەدەبىي كىتاب ماتېرىياللارنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيىتىنى يوقاتماقچى بولدى، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئون نەچچە ئەسىرلىك دىنىي ئېتىقادى بولغان ئىسلام دىنىغا نورمال يوسۇندا ئېتىقاد قىلىشتىن توسۇپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن توشقۇزىۋەتتى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كەڭرى ۋە باي زېمىنىدا چەتكە قېقىلىپ بويۇن قىسىپ يات كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. بالا - قازا بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگەپ قالماستىن ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي جەھەتتىن قىرىپ تۈگىتىش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ كەتتى. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىزدىن ئويغىنىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشلىرىنى تىزدىن توختىتىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى پەقەت ئۇيغۇر خەلقىغىلا قىلىنغان جىنايەت بولماستىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆز يۇمغۇسىز دەخلى-تەرۇزدۇر.

ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىزگە دەرھال ياردەم قىلمايدىغان بولسا، ئۇلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈركۈم -تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كېتىشىگە سۈكۈت قىلغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىز بارلىق خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارغا قاراپ تۇرماسلىقىنى، ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشىنى سورايمىز. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئىنسان كىشىلىك ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرىغا شۇنى ئىلتىماس قىلىمىز - خىتاي ھۆكۇمىتىدىن ھېلىقى بىر مىليون ئۇيغۇرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنسا ، ياكى ھېچ بولمىغاندا شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىل بولغان تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىلىپ تۆۋەندىكى مەسىلىلەر تەكشۈرۈلسە:

يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ كونكرېت ئورنى

بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ قامىلىش سەۋەبى

ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى

ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيىتى

ئۇلارنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى

ئۇلار ئىچىدىكى ئۆلۈم -يېتىملەر سانى

ئۇلار تۇتۇلغاندىن كېيىن ئىگە -چاقىسىز قالغان بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى

نۆۋەتتە خىتاي دۆلىتىدە ئۇيغۇرلارغا قانۇنلۇق ياردەم قىلىدىغان ھېچقانداق ئورگان ۋە شەخس يوق بولۇشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ياردەمسىز ۋە ئىگە - چاقىسىز قالماقتا. بۇ نۇقتىدىن بىز پۈتۈن جاھان ئەھلىنىڭ ياردىمىگە موھتاج. ئەگەر بىز ئېلان قىلغان بۇ مۇراجىئەتنامىگە دۇنيا مىقياسىدا 10،000 كىشىلىك ئىمزا توپلىساق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقلارنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن. بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇش ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىنسانلىق بۇرچى!

بىز سىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى توختىتىش يولىدا بىز بىلەن بىللە كۈرەش قىلىشقا چاقىرىمىز. سىزدىن بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇشنى، ھەمدە ئۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. رەھمەت!